ئۆمۈر ھەجگە ماڭغان ئۇيغۇر بوۋاينى پاكىستاندا ئوغرىلار پۇلسىز قويدى
2006.08.14
ئايالى بىلەن بىرگە ئۆمۈر ھەجگە ماڭغان 81 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ 6 مىڭ دوللار پۇلىنى پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە دۈشەنبە كۈنى ئوغرىلار بۇلىۋېلىپ، سەپەر ئۈستىدىكى بۇ بوۋاينى پۇلسىز قويدى.
پۇلىدىن ئايرىلغان بوۋاي ئوغرىلارنىڭ بىرىنى تۇتۇۋالغان، لېكىن پۇلىنى ئېلىپ قاچقان يەنە بىر ئوغرى قېچىپ كەتكەن. ھەسەنجان ئىسمايىل ئىسىملىك بۇ بوۋاي ئايالى پاتىگۈل ئىبراھىم بىلەن بىرگە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ئۆمرى ھەج قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن 3 كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاراماي شەھىرىدىن پاكىستانغا كەلگەن ئىدى. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى راۋالپىندىكى ياتىقىدىن تالاغا تېلېفون قىلىش ئۈچۈن چىققاندا ئىككى ئادەم ئۇنىڭ كىيىمىگە نىجاسەت سۈركىۋېتىپ، ئەتراپتىكى بىر مەسچىتكە كىيىمىنى تازىلاش ئۈچۈن باشلاپ بارغان ۋە بوۋاي كىيىمىنى سېلىپ تازىلاۋاتقاندا بۇ ئىككى كىشى ئۇنىڭ بەلۋىغىدىكى پۇلنى ئېلىپ قاچقان. بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ھەمراسى ئوغرىلارنىڭ بىرىنى تۇتۇۋېلىپ ساقچىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن پۇلنى ئالغان يەنە بىر ئوغرىنى تۇتالمىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى مۇخبىرىمىزغا ئوغرىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىمىز، دېدى.
لېكىن پۇلىنى بۇلۇتۇپ قويغان بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار پاكىستان ساقچىلىرىنى بۇ دىلوغا كۆڭۈل بۆلمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلار تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرىغا ناھايىتى نازاكەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر دىلونى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلمىغان. شۇ جايدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەنى جۇڭگو ئەلچىخانىغا مەلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ پايدىسى يوق ئىكەن. ئۇ،" بۇ خىل ۋەقەلەر ئىلگىرى كۆپ قېتىم يۈز بەردى. بىز جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار پەرۋا قىلىپمۇ قويمىغان ئىدى" دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەككىدە يۈز بەرگەن بىنا ئۆرۈلۈش ھادىسىسىدە ئاز دېگەندە 23 ئادەم قازا قىلغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشنى قاتتىق چەكلىمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەج ئۆمىكى، مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلىمەكتە