9600 نەپەر مۇسۇلمان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس ئايروپىلاندا ھەجىگە ئەۋەتىلمەكچى
2006.11.14
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئاخىرى ۋە كېلەر يىلى بېشىدا، 9600 نەپەر مۇسۇلمان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يول بويى توختىماي ئۇچىدىغان مەخسۇس ئايروپىلاندا مەككىگە ھەجگە ئەۋەتىلىدىكەن.
خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ جىبو "بۇ قېتىم مەخسۇس ئايروپىلاندا مەككىگە ھەجگە ئەۋەتىلىدىغان 9600 نەپەر مۇسۇلمان پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىنلا ئەمەس، بەلكى چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشيا، يۈننەن، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل ۋە خېنەن قاتارلىق جايلاردىن تاللانغان، شۇنداقلا بۇ قېتىم ھەجگە ئەۋەتىلمەكچى بولغانلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى ھەر قانداق يىلدىكىدىن كۆپ بولدى، بۇ خىل ئەھۋال تارىختا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان" دەپ ماختانغان.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم مەككىگە ئەۋەتىلىدىغانلارنى ئېلىپ ماڭىدىغان تۇنجى قېتىملىق ئايروپىلان 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدىن ئۇچىدىكەن. تېخى يېقىندىلا، ئۆمرى ھەج قىلىش ئۈچۈن پاكىستانغا چىققان نەچچە مىڭ نەپەر ئۇيغۇر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ توسالغۇسى تۈپەيلىدىن ۋىزا ئالالماي نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىپ غەلىبە قىلغان ئىدى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىشكە قوشۇلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى رامىزان ئېيىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىرىنى چەكلىدى
- پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرى ھەجىگە بېرىش ۋىزىسىغا ئېرىشتى
- خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان
- ئۆمۈر ھەجگە ماڭغان ئۇيغۇر بوۋاينى پاكىستاندا ئوغرىلار پۇلسىز قويدى