خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشنى قاتتىق چەكلىمەكتە


2005.12.07

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل خىتايدىن ھەجگە بارىدىغان مۇسۇلمانلار سانىنىڭ 6900 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ ئۆمەكنىڭ 1979 ‏- يىلىدىن بۇيان، خىتايدىن ھەجگە بارىدىغان ئەڭ چوڭ ئۆمەك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق تۆت شەھەردىن مەككىگە بىۋاستە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانلارنىڭ سانى 20 گە كۆپەيتىلگەن. ھەج قىلغۇچىلار بۇ ئاينىڭ 15 ‏- كۈنىدىن 27 ‏- كۈنىگىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، مەككىگە يىتىپ بارىدۇ.

ئەمما بۇ ئارىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشىنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ھەج مەزگىلىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ھەر قايسى ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىغا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، شەخسىيلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجگە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى چەكلەش، تۇغقان يوقلاش ۋە سودا بىلەن چەتكە چىقىدىغانلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بېجىرىشنى تەلەپ قىلغان.

ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، يېزا- كەنتلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى پاسپورتى بار كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئامال بار ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش، يىغىۋالالمىغانلاردىن چەتكە چىقماسلىق كاپالەت خېتى ۋە 5000 مىڭدىن 10000 يۈئەنگىچە كاپالەت سوممىسى ئېلىشنى كۆرسەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، "خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە خىلاپ ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى بوغىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي پۇقرالىقىغا قوشۇۋېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن پۇقرالىق ھوقۇقى بەرمەيۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.