خىتاي ھەج پائالىيىتىگە قاراتقان باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە


2007.06.19

خىتاي دائىرىلىرى، ھەج قىلىشقا قاراتقان باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ قانۇنسىز ھەج تەشكىللىگۈچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تارقاق ھەج قىلىش ھەرىكىتىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 19 ‏- ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تارقاق ھەج قىلىش ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ ئىشتا ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، يېڭى تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، تۈزۈپ ۋە قوللىنىپ، بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھەج قىلىش، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئارمان قىلىدىغان ئۇلۇغ ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ھەم ئىسلام دىنىدا ئادا قىلىشقا تىگىشلىك 5 چوڭ پەرزنىڭ بىرى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق كونترول قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ يېتىشمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمەي كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىدىغان ھەج پائالىيىتى جەريانىدا سان چەكلىمىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشىنى توسىغانلىقتىن، كىشىلەر شەخسلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ھەج گۇرۇپپىلىرىغا قاتنىشىش، باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق ھەج ۋىزىسىنى قولغا كەلتۈرۈش چارىلىرىنى قوللانماقتا. ئەمما ھۆكۈمەت تارقاق ھەج قىلىشنى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت دەپ قارىلاپ، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە تاشلىغان.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن يىلى تارقاق ھەج قىلغان ئۇيغۇرلارنى، ھەج كۈنىگە بىر كۈن قالغاندا ئەرەبىستان زېمىنىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال ھەج قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئۆمۈرلۈك ئەمگىگىنىڭ بەدىلىنى سەرپ قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قاتتىق ئازابلىغان ئىدى.

بۇ ئارىدا ھۆكۈمەت يەنە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بۇيىچە، شەخسلەرنىڭ قولىدىكى پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى. خەۋەرلەردىن كېيىن سىلەرگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىمىز. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.