خىتاي نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىشكە قوشۇلدى


2006.10.04

پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا ھەج ۋىزىسى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار سەيشەنبە كۈنى بۇ كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېلەر يىلى 1 - ئايدا ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستان باش ئەلچىسى ئالى سەيىد ئاۋاد ئاسەرى، چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىش قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسەرى ئۇيغۇر ھەجىچىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ،"قولىدا خىتاي پاسپورتى كۆتەرگەن، پاسپورتىغا پاكىستان ۋىزىسى قويۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى بۇ كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلەرچە مۇئامىلە قىلىشتىن باشقا چارىمىز قالمىدى،"دەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى بۇ يىل 8- ئايدىن بېرى ۋىزا بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە سەيشەنبە كۈنگىچە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ كەلدى.

پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان

سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن 3 - بىر دۆلەتكە چىقىپ ھەجگە بارماقچى بولغان جوڭگو مۇسۇلمانلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىك توغرىسىدا كېلىشىمى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان باش ئەلچى ئاسەرى، ئۆتكەن ئايدا ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىزا بېرىشكە قوشۇلسا، سەئۇدى ئەلچىخانىسىنىڭ ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى ھەجىچىلەرنى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە ئۈندىگەن. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى، " بىز ئۇلارغا قايتىپ كېتىپ بېيجىڭدىن ۋىزا ئېلىشنى سۆزلىدۇق، "دىگەن ئىدى. سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىشكە باشلىغان شۇ كۈنى خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پاكىستاندىكى ھەجىچىلەرگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋېزا بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشنىڭ چوڭىيىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن بولىشى مۇمكىن

ئامېرىكىدىكى بىر قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشكە قوشۇلۇشتا بۇ ۋەقە چوڭۇيۇپ كەتسە، خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزۈدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۈمكىن. خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنى يامان نىيەتلىك كىشىلەر كۈشكۈرتتى، دەپ ئەيىپلىگەن. باياناتچىسى، "يامان نىيەتلىك ۋە ھەج پائالىيىتىدىن پايدا ئالغۇچى بەزى كىشىلەر جوڭگو مۇسۇلمانلىرىنى جوڭگو - سەئۇدى ئارىسىدىكى كېلىشىمدىن خەۋەرسىزلىكى ئىكەنلىكى ۋە ھەج قىلىش ھىسسىياتىدىن پايدىلىنىپ،ئۇلارنى پاكىستاندا سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا تەلەپ قىلىشقا ئۇيۇشتۇردى ۋە كۈشكۈرتتى،" دەيدۇ.

لېكىن خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنى " كۈشكۈرتكەن" ئاتالمىش يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 5 - ئايدا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىشلارمىنىستىرلىكى ھەج پائالىيىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۆز ئالدىغا ھەج قىلغۇچى خىتاي پۇقرالىرىغا سەئۇدى ۋىزىسى بەرمەسلىكنى قارار قىلىشقان. لېكىن نۇرى تۈركەل سەئۇدى دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە دىنغا سىياسەتنى ئارلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىپلىدى.

بۇ ۋەقە خەلىقئارادا دىققەتكە ئىرىشتى

بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئەلچىخانىسى، شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى،خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنى ھەجىچىلەرگە "قايتىپ بارسا، پىنسىيە پۇلىنى توڭلۇتۇش، پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش"، بىلەن تەھدىت سالماقتا، دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلار دۈشەنبە كۈنى بۇ ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر بەردى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نۇرى تۈركەل، بۇ ۋەقە سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى مۈمكىن،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بۇ مەسىلىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۈز ئوبرويىنى قىلغان.

نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىپ بېرىشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكتىن كىشىلەر پاكىستان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە چىقىپ، شۇ يەردىن ھەجگە بېرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى خەلقئارا ئەھدىنامىلار ۋە خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپ،" دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.