رۇسىيە ۋە قازاقىستان، ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى پەن تېخنىكا تۈرلىرى بويىچە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلماقتا

تېخى يېڭىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، رۇسىيە، قازاقىستان پەن -تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى سۇنۇش يىغىنىدا، پەقەت قازاقىستان تەرەپلا 200 دىن ئارتۇق پەن - تېخنىكا تۈرى بويىچە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6 -ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق پەن- تېخنىكا سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە فىدىراتسىيىلىك رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپ، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋە سودا تۈرلىرى بويىچە كۆپلىگەن كېلىشىملەرنى تۈزگەن .

بۇ يىل 8 -ئايدا، رۇسىيىنىڭ، سىبىرىيە فىدراتسىيىلىك رايونىدىكى ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى بىلەن مەخسۇس پەن - تېخنىكا تۈرلىرى بويىچە كېلىشىم ھازىرلاپ، كېلەر يىلى سىبىرىيە پەن - تېخنىكا ئاكادېمىيىسىدە "شىنجاڭ پەن - تېخنىكا كۆرگەزمىسى" ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

كۈزەتكۈچىلەر بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى، رۇسىيە ۋە قازاقسىتان بىلەن پەقەت سودا ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىش ئەمەس، پەن - تېخنىكا جەھەتتىمۇ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يېتىشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن . (ئەقىدە)