ياش ئەدىپ مۇختار قادىر ھونزادە ۋاپات بولدى


2007.02.22

ئۇيغۇر تور بېتى تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، تونۇلغان ياش شائىر مۇختار قادىر ھونزادە پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 11:30 ئەتراپىدا مەكىت ناھىيىسدە مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.

مائارىپ سېپىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ئۇزۇن يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن ئەدىپ مۇختار قادىر ھونزادە ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئىنتېرنېت ساھەسىگە ئەڭ دەسلەپ قەدەم قويۇپ، تەييارلىغان تور بېتى ئارقىلىق ئۇچۇر دۇنياسىدا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق تېمىلارنى تارقىتىش، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ياشلارنى تەربىيىلەش، ھەۋەسكارلارنىڭ مەنىۋىي بايلىقىنى بېيىتىش يولىدا ھالال خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئەدىپ مۇختار 1964 ‏- يىلى مەكىتتە تۇغۇلغان، بايىنغۇلىن ئوبلاستى نېفىت 2 ‏- ئوتتۇرا مەكتىبىدە ئىشلىگەن. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەكىتكە ئاتا ‏- ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن بارغان مەرھۇم ئەدىپ، ئانا يۇرتى مەكىتكە دەپنە قىلىنىدىكەن. مەرھۇمنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى ۋەتەن - ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چەكسىز قايغۇغا چۆمدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.