مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئابدۇلغېنى مەمتىمىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2004.08.04
باش شتابى نيو-يوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتاي رەئىسى خۇجىڭتاۋغا بىر پارچە خەت يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى -2002يىلى قولغا ئالغان ئوقۇتقۇچى، يازغۇچى ۋە تەرجىمان ئابدۇلغېنى مەمتىمىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى -2002يىلى ئابدۇلغېنى مەمتىمىننى " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سىرتقا ئاشكارىلىغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ 9 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن، ھەمدە ئۇنى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىگە يەرلىك خەۋەرلەرنى يەتكۈزگەن دەپمۇ ئەيىبلىگەن ئىدى.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خۇجىڭتاۋغا يازغان خېتىدە، ئابدۇلغېنى مەمتىمىننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت سۆز ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. (پەرىدە)
©
2004 Radio Free Asia