خوتەندە تۇنجى قار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ھېلىھەم داۋاملاشماقتا


2008-02-08
Share

بۇ يىل قىش پەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم جايلارغا ئاپەتلىك بىر پەسىل بولماقتا . چۈنكى ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن،قەشقەر، ئاقسۇ ۋە بايىنغۇلىننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئادەتتىن تاشقىرى سوغاق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قار ياغدى. ھەتتا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغىمۇ قېلىن قار يېغىپ ، خەلققە، چارۋا ماللارغا زىيان سالدى. خوتەن دىيارىدا -17 يانۋار كېچىدىن باشلاپ يېغىپ ئىككى ئۈچ كۈن داۋاملاشقان قاردا ، بەزى جايلار ئېغىر قار ئاپىتى ھەم شىددەتلىك سوغاق ھاۋا ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . گەرچە ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى، دائىرىلەرنىڭ ئاممىنى بۇ قېتىملىق سوغاق ھاۋا ھەم قار ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىزنىڭ خوتەن تەۋەسىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگىنىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، قار ئاپىتىنىڭ تەسىرى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا قەھرىتان سوغاق سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن ، شۇنداقلا خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئاساسەن توختاپ قالغان.

ئۇيغۇر ئىلىدە خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى ئاممىغا ئىئانە توپلاش ئىشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

مەلۇم بولغاندەك خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى 17 ئۆلكە ، شەھەرلەردە يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاينىڭ بارلىق ئاخبارات شۇنداقلا تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىغا ئايلاندى ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر توختىماي ئېلان قىلىنماقتا . ئەمما ئوخشاشلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتىگە ئۇنچە دىققەت بېرىلمىگەن بولۇپ، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەۋەر تورلىرىدىمۇ يەنىلا خىتاينىڭ جەنۇبىدا سوغاق ھەم قار ئاپىتىدە قالغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش ھەققىدىكى خەۋەر ھەم چاقىرىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەر بۇيىچە خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى قار ئاپىتىدە قالغان ئاممىغا ئىئانە توپلاش ئىشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا .

ھالبۇكى ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا داۋام ئېتىۋاتقان قار ھەم شىددەتلىك سوغاق ھاۋا كېلىماتى ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا 33 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم .

شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى -7 فېۋرال " قەشقەر ، قىزىلسۇ ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئەتراپلىق تەشكىللەندى" دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلدى، مەزكۇر خەۋەردە بۇ جايلاردا ھازىرغىچە 300 مىڭ ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، 44 مىڭ 550 مىڭ تۇياق چارۋا مالنىڭ ئۆلگەنلىكى ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىياننىڭ 87 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.

چاغاندا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پەرۋايى پەلەك

خەۋەردە يەنە ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەلقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل دائىرىلىرى بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ، 105 توننا كۆمۈر ھەمدە 113 توننا ئاشلىق ھەم كىيىم ‏- كېچەكلەرنى ھەر قايسى ئاپەت رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.

خوتەننىڭ ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن قىسقا ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە،خوتەن بۇ قېتىملىق قار ئاپىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، يەنى -17 يانۋار خوتەنگە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قار ياغدى ، شۇنداقلا بۇ ئاپەتلىك قار بولدى، چۈنكى قار بىلەن تەڭ تۇيۇقسىز كەلگەن سوغاق ئېقىم تەسىرىدە، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىراقلا يىگىرمە نەچچە سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەپ ، قارنىڭ قېلىنلىقى بەزى جايلاردا 15 ، 16 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. بىز خىتاينىڭ چاغان بايرىمىلىق دەم ئېلىشى مەزگىلىدە،خوتەندە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ‏- ئۇچرىمىغانلىقى ، قار ئاپىتىدە قالغانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق .

خىتاينىڭ باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشى مەزگىلىدە ، بارلىق مەمۇرىي ئورگانلار گەرچە بىر ھەپتىلىك دەپ ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ، ئۇيغۇر خادىملار كۈندىلىك نۆۋەتچىلىككە قويىلىدىغان ئەھۋال ئومۇملاشقان بولغاچقا ،گەرچە خوتەندە -8 فېۋرال كەچ سائەت 10دىن ئاشقان بولسىمۇ ، بىز يەنىلا خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ سىناپ كۆردۇق ، نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر خادىمنىڭ ئېرەڭسىزلىقى بىزنى ھەيران قىلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك مەھكىمىنىڭ خەلق ئىشلىرىغا مەسئۇل يەنە بىر ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغاندىن كېيىن بىز يەنە قار ئاپىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان جايلاردىن خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىكى ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق ، دېھقانلار سوغاقتا ھەتتا ئادەم ئۆلۈش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا سىلەر بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خوتەننىڭ ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى ئاڭلىدىڭلار. بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق تەپسىلىي مەلۇماتلار ئىگىلەشكە تىرىشىمىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت