كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى
2006.06.14
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى تەشكىلات يىغىنى ئۈچۈن شاڭخەيگە يىغىلىۋاتقان پەيتتە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ تەشكىلاتنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرماسلىقىنى تەكىتلىدى. مەزكۇر باياناتتا يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسى مەخسۇس تىلغا ئېلىنىپ، "جۇڭگو تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشقا ئىشلەتمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ باياناتىنى قارشى ئالدى. ئەمما ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ، "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەتلەر كۇلۇبىدۇر" دېدى.
بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەسلەپتە چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇددىئا قىلغان بولسا، ھازىر بۇ تەشكىلات مەزمۇنىنى تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيچىلىككە زەربە بېرىشكىچە كېڭەيتتى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى چارشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ
- قىرغىزىستان خىتاي بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە پۈتۈشتى
- ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى تېررورلۇققا قارشى ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلماقتا
- شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى موسكۋادا يىغىن ئاچتى
- ئىران قاتارلىق 4 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يېغىنىغا تەكلىپ قىلىنماقچى