ماناس ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى "قارا خۇمدانچىلار" غا ھۆكۈم ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر ناھىيىدىكى بىر قارا خۇمداندا ئىشچىلارنى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىش ۋەقەسى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 3 خىتاينى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. سوت مەھكىمىسى ماناس ناھىيىسىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن خۇمداننى كۆتۈرىگە ئېلىۋالغان نيۇ پەمىلىلىك ئىككى كىشى بىلەن جۇڭ پەمىلىلىك بىر كىشىنى، ئىشچىلارنى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىش ۋەقەسىدە جاۋابكارلىقى بار، دەپ قارىدى.

سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە جاۋابكارلار ئىشچىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، نورمىدىن كۆپ ئىشلىتىش، ھاقارەتلەش، تەن جازاسى بېرىش، خارلاش، ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك، ئاچ قويۇش، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش، كىشىلىك ئەركىنلىكىنى بوغۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئايرىم - ئايرىم بىر يىلدىن 3 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرى شەنشىدىكى قارا خۇمدانلىقلاردا كىشىلەرنىڭ قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئۆسمۈرلەر ۋە نېرۋا كېسەللەرنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور غۇلا-غۇلا پەيدا قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلارنى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىشنى بۇيرىغان. ھەتتا شەنشىدىكى قارا خۇمدانلىقتىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان بىر نەپەر ئۇيغۇر تېپىلغان ئىدى.

شەنشىدىكى قارا خۇمدان ۋەقەسىدىن كېيىن، بەزى مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماناس ناھىيىسىدە قارا خۇمدان بارلىقىنى ۋە بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. لېكىن ۋەقە پاش قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ماناس ناھىيىلىك ج خ دائىرىلىرى رادىئومىزغا ماناس ناھىيىسىدە قارا خۇمدان بايقالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئەركىن)