كانادا ھۈسەيىن جىلىل توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىيە نوتىسى بەردى


2006.07.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كانادادا چىقىدىغان "تورونتو يۇلتۇزى" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جىلىلنىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىيە نوتىسى بەرگەن.

لېكىن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە كانادانىڭ دىپلوماتىيە نوتىسىغا جاۋاپ قايتۇرمىغان.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىتەر ماككەي، ئۆتكەن جۈمە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بىز ھۈسەيىن جىلىل مەسىلىسىنى باشتىن بېرى جىددىي قارىدۇق ھەمدە دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەر بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ، دېدى.

باياناتىدا، كانادا ھۆكۆمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن پىتەر ماككەي، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىر جاۋاپ كەلمىسە، بىز بۇ ئىشنىڭ پېشىنى قويۇپ بەرمەيمىز. بىز كانادا پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدا بار پۈتۈن ۋاسىتىلارنى ئىشلىتىمىز، دېدى.

بۇ ئارىدا ھۈسەيىن جىلىلنىڭ ئادۋوكاتى كىرىس مالىيۇد كانادا باش مىنىستىرى سىتفان ھارپەردىن ھۈسەيىن جىلىلنى خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىتايغا مەخسۇس بىر ۋەكىل ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى، ھۈسەيىن جىلىلنى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى كاناداغا قايتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە قارىماي خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۆزبېكىستانغا بارغان ھۈسەيىن جىلىل 27‏- مارت كۈنى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدى قولغا ئېلىنغان ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.