كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ھۈسەنجان جېلىلغا ئائىت خەۋەرلەر بېسىلماقتا


2006.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەنجان جېلىلنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە 100 كۈندىن ئاشقان بۇ مەزگىلدە، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇنىڭغا ئائىت يېزىلغان خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن بېرىلىپ تۇردى. كانادادىكى "تورونتو يۇلتۇزى" گېزىتىدە 5‏- ئىيول كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

" يوقاپ كەتكەن كانادالىقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈمىدسىزلەنمەكتە" دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى كرىس ماكلىئودنىڭ كانادا باش مىنىستىرىغا ھۈسەنجان مەسىلىسى ئۈچۈن خىتايغا مەخسۇس ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتى ھازىرغىچە جاۋابسىز قالغان.

باش مىنىستىر باياناتچىسى، باش مىنىستىرنىڭ بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن. ھۈسەنجاننىڭ ئادۋوكاتى كرىس ئەگەر باش مىنىستىردىن مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىغىچە جاۋاب ئالالمىسا، ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ خىتايغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىغا دېپلوماتىك نوتا سۇنۇپ، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.