كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ھۈسەنجان جېلىلغا ئائىت خەۋەرلەر بېسىلماقتا
-
2006-07-05 -
-
-
كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەنجان جېلىلنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە 100 كۈندىن ئاشقان بۇ مەزگىلدە، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇنىڭغا ئائىت يېزىلغان خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن بېرىلىپ تۇردى. كانادادىكى "تورونتو يۇلتۇزى" گېزىتىدە 5- ئىيول كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
" يوقاپ كەتكەن كانادالىقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈمىدسىزلەنمەكتە" دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى كرىس ماكلىئودنىڭ كانادا باش مىنىستىرىغا ھۈسەنجان مەسىلىسى ئۈچۈن خىتايغا مەخسۇس ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتى ھازىرغىچە جاۋابسىز قالغان.
باش مىنىستىر باياناتچىسى، باش مىنىستىرنىڭ بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن. ھۈسەنجاننىڭ ئادۋوكاتى كرىس ئەگەر باش مىنىستىردىن مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىغىچە جاۋاب ئالالمىسا، ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ خىتايغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىغا دېپلوماتىك نوتا سۇنۇپ، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلماقتا
- كانادا ھۈسەيىن جىلىل توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىيە نوتىسى بەردى
- ئۈزبېكستان ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى
- د ئۇ ق كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى
- كانادا باش مىنىستىر ياردەمچىسى ھۈسەنجاننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بارماقچى