كانادا: خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەنجاننى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك
2006.06.27
كانادا ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جىلىلنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. كانادا مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىتەر ماككەي (Peter Mackay) ھۈسەنجان جىلىلنى كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بىر دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرغان.
كانادا لىبېرال پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان پول زابو، كانادا پارلامېنتىدا بەرگەن باياناتىدا، كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جىلىلنىڭ خىتاينىڭ قولغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ناھايىتى جىددىي بىر ئەھۋال دەپ كۆرسەتتى. ئۇ كانادا ھۆكۈمىتىدىن ھۈسەنجان جىلىلنى كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نوتا ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى.
باياناتىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنى ھۈسەنجان قارىمنى ئۆزبېكىستاندىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى دەپ ئەيىبلىگەن پول زابو، ئەمدى ئۇنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كىم گىرتەل، كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جىلىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ، دېدى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى، ھۈسەنجان جىلىلنىڭ كانادا ياشايدىغان ئايالىغا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جىلىلنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
مارت ئېيىدا تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ھۈسەنجان جىلىلنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بېرى قايسى يەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىدى.
1990- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چەتئەلگە قېچىپ چىققان ھۈسەنجان جىلىل، 2001- يىلى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كاناداغا كېلىپ، كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھۈسەنجان قارىم، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى
- بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
- ئۈزبېكىستاندىكى ئىنتېرپول ئورگىنى ھۈسەنجان جېلىلنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن
- ھۈسەيىنجان قارىم ھەققىدىكى ئۇچۇرلار رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ ئېلان قىلىندى
- قىسقا خەۋەرلەر