ھۈسەيىن جېلىل : "ئادەم سېغىندىم"

كانادادا چىقىدىغان يەر شارى پوچتا گېزىتى بۈگۈن، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە خەۋەر بەردى. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل مۇشۇ ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.23

 30 مىنۇت داۋاملاشقان كۆرۈشۈشتە، ئۇ قەشقەردە ياشاۋاتقان ئانىسى، سىڭلىسى ۋە ئىككى ئوغلى بىلەن دىدارلاشقان. كۆرۈشۈش 10 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ نازارىتى ئاستىدا داۋام قىلغان.

خەۋەردە يەنە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ نۆۋەتتە قاراڭغۇ بىر كامىردا يالغۇز تۇرۇۋاتقانلىقى، كۈنىگە پەقەت بىر ۋاقلا چۈشلۈك تاماق بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل ساقچى تەرەپكە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ قۇياش نۇرى ۋە ئادەم سېغىنغانلىقىنى؛ شۇڭا، جازا مۇددىتىنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئۆتەشنى تەلەپ قىلغان.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشى، كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن ياپونىيىدىكى ئۇچرىشىشىدىن بىر كۈن كېيىن بولغان. ھارپېر شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇش قاتارلىق بىر قاتار پىكىرلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە باش مىنسىتىر ھارپەرنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ سەۋەب بولغان - بولمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.