كانادا مەتبۇئاتلىرى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى
2006.10.19
كانادادا چىقىدىغان تورونتو قوياش گېزىتىدە 10- ئاينىڭ 19- كۈنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلسى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، كانادا ھۆكۈمىتى "ئۆزىنىڭ پۇقراسىنى قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلەندى.
پىتېر ۋورتىڭتېن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە "ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئادەمنى قانچىلىك غەزەپلەندۈرسە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قارىشى كىشىنى شۇ قەدەر غەزەپلەندۈرىدۇ" دېيىلگەن.
ماقالىسىدە ، كانادا باش مىنىستىرىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى جەسون كەنىنىڭ، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى مۇرەككەپ بىر مەسىلە دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋورتىڭتېن "خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى قوللىغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى تېررورچى دەپ قارايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايدىكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ياكى مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەرقانداق مىللىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىنى تېررورچى دەپ كۆرسىتۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋورتىڭتەن يەنە، "كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىتېر مەككى، بىيوكراتلىرىغا بىر ئاز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغۇزۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى دەرھال ئىنقلىيالايدۇ" دېگەن.
ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ھۈسەيىن جىلىلنىڭ 80 ياشتىكى دادىسى، ئۇكىسى ۋە ھەدىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن كانادا CBC شىركىتىنىڭ مۇخبىرى Anthony Germain، ئۇلارنىڭ ھېلىمۇ كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جىلىلنى قۇتقۇزىدۇ دېگەن ئۈمىد بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتىگە قارشى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان
- ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى "تورونتو قۇياش" گېزىتىنىڭ ماقالىسىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جىلىلنى سوتلاشقا باشلىدى
- خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى