ھۈسەيىن جېلىل ئۈرۈمچىدە سوتقا تارتىلدى


2007.02.05

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن يىلى 6‏- ئايدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى سوتلاشقا باشلىغان.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىمنىڭ سوتقا قاتناشقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سوت جەريانىدا سوتچىلار ھۈسەيىن جېلىلدىن، كانادانىڭ قايسى شەھىرىدە ياشايسەن؟ قانچە بالاڭ بار؟ خىتاي سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار قانداق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ؟ ئوتتۇرا شەرقتە قانچە يىل ياشىدىڭ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار سورىغان.

كامىلە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6 سائەت داۋاملاشقان سوت جەريانىدا، قارىلىغۇچىلار ھۈسەيىن جېلىلنى ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىغان. تەن سالامەتلىكى ياخشى كۆرۈنگەن ھۈسەيىن جېلىل سوتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ بېرىلگەن ئادۋوكاتنى رەت قىلىپ، ئۆزەم كانادالىق بىر ئادۋوكات تۇتۇشنى خالايمەن، دېگەن.

كامىلە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، سوتقا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ۋەكىلى قاتناشمىغان. سوت ھېچقانداق نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بولۇپ، سوتنىڭ قاچان داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

كۆپچىلككە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى قولغا ئېلىپ، كانادا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش تەلەپلىرىنى رەت قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك بىر سۈركىلىشكە سەۋەب بولماقتا.

ھازىرغىچە، كانادا باش مىنىستىرى سىتىفان ھارپېر قاتارلىق كانادا رەھبەرلىرى، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلىرىدا بىر نەچچە قېتىم ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۆتكەن ئاي خىتاينى زىيارەت قىلغان كانادا تىجارەت مىنىستىرى دېۋىد ئىمىزسن ۋە مالىيە مىنىستىرى جىم فلاھەرتى يەنە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.