كانادا مەتبۇئاتىدا ھۈسەيىن جېلىل
2007.02.17
كانادا چىقىدىغان Globe and Mail گېزىتى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ جىنايىتىنىڭ مەسچىتكە كاناي بېكىتىكلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
Globe and Mail گېزىتى، 17- فېۋرال كۈنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ئۇزۇن بىر تەكشۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىماملىق قىلىۋاتقان چېغىدا، مەسچىتكە يۇقرى ئاۋازلىق كاناي بېكىتكەنلىكىنىڭ، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشىغا، دۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشىغا، ۋەتىنى تاشلاپ چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۈسەيىن جېلىلنى چەتئەلدىمۇ ئارام ئالدۇرمىغان. ئۇ چەتئەلگە چېقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلغان. ھۈسەيىن جېلىل ئۇ دۆلەتدىن بۇ قېچىپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ئۇنىڭ سياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن، 2001 - يىلى كانادا غا كېلىپ بىراز خاتىرجەم بولغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ خاتىرجەملىكى ئۇزۇن سۈرمىگەن بولۇپ بۈگۈن ئۇ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا. ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتىغا، خىتايدىكى كانادا باش ئەلچىخانا خادىملىرىنى قاتناشتۇرمىغانلىقىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنى بولۇپمۇ كانادا باش مىنىستىرى ستىفان ھارپەرنى قاتتىق غەزەبلەندۈرگەنلىكى، كانادا باش مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى كانادا باش ئەلچىخانىسىگە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەلچىخانا خادىملىرى ئەۋەتىش، ھۈسەيىن جېلىل مەسلىسى بىر تەرەپ بولغانغا قەدەر ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە دۋاملىق تۇرغۇزۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
جۈمە كۈنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتەر ماككەينىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ قاتتىق تەلەپپۇزدا تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىگە ھازىرغىچە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى تەكىلەنگەن ماقالىدە، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلسى خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ، دېيىلگەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرنى جىددىيلەشتۈرمەكتە
- ھۈسىيىن جېلىل سوتتا ئۆزىنىڭ قېيىن-قىستاققا ئېلىپ 'ئىقرار' قىلدۇرۇلغانلىقىنى پاش قىلغان
- ھۈسەيىن جېلىل ئۈرۈمچىدە سوتقا تارتىلدى
- ھۈسىيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدا ئىسپات بەردى
- كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشماقتا