ھۆسەيىن جېلىلنىڭ قوللىغۇچىلىرى يېڭى ئادۋوكات ئۈچۈن ھەرىكەت باشلاتتى


2007.02.27

خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كانادادا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھۆسەيىن جېلىلگە بېرىلگەن ئادۋوكاتنىڭ سوتتا ئۇنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا يېڭى بىر ئادۋوكات تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلاتقان. ئۇلار كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىغا ھۆسەيىن جېلىلنىڭ مۇستەقىل بىر قانۇن مەسلىھەتچىگە ئىگە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.

كانادادا چىقىدىغان Globe and Mail گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى مەمەت توختى، 26‏- فېۋرال كۈنى ھۆسەيىن جېلىلنى قوللاۋاتقانلارغا بىر خەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ھۆسەيىن جېلىلغا خىتايدا مۇستەقىل بىر ئادۋوكات تۇتۇش ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىشقا چاقىرغان. مەمەت توختىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتايدا ھۆسەيىن جېلىلغا ۋەكالەت قىلالايدىغان بىر ئادۋوكات تېپىش ئۈچۈن 12000 دولار ئەتراپىدا پۇل كېرەك ئىكەن. مەمەت توختى، يېڭى بىر ئادۋوكات ھېچ بولمىسا، ھۆسەيىن جېلىلنى ئاقلاش ئۈچۈن، سوتقا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئادۋوكات سۇنالمىغان ھۆججەتلەرنى سۇنۇشى مۇمكىن، دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆسەيىن جېلىل ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن بېرى، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادا شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ئالكس نەۋە، خىتايدا مۇستەقىل بىر ئادۋوكات تۇتۇشنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى مۇرەككەپ بىر جەريان دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن بېرى‏ ئىز‏-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن ھۆسەيىن جېلىلنى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا سوتلاشقا باشلىغان ئىدى. سوتتا، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن ھۆسەيىن جېلىل، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن تەلەپلىرىگە پىسەنت قىلماي،كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى تۇتۇپ تۇرۇشى، خىتاي بىلەن كانادا مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.