ھۆسەيىن جېلىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 1 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 1-كۇنى ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 1 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.
نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، ھۆسەيىن جېلىلنىڭ يېقىنلىرى، كانادالىق دوستلىرى ھەمدە ئەزەربەيجان ۋە تۇرك قېرىنداشلىرىدىن تەركىپ تاپقان 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
نامايىش جەريانىدا، نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شۇئارلارنى توۋلىغاندىن باشقا، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىك سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
نامايىشقا تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. تورونتو ستار، بۇرلىڭتون پوست ۋە ھۆسەيىن جېلىل ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەۋاتقان كۈبەك مۇخبىرلىرىمۇ ئالاھىدە مونترېئالدىن كىلىپ بۇ پائالىيەتنى تولۇق سۈرەتكە ئالغان.
گەرچە ھاۋا ناھايىتى يامغۇرلۇق بولغان بولسىمۇ، بالىلار ۋە خانىملارنىڭ بۇ نامايىشتا كۆرسەتكەن قىزغىنلىقى كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرغان. نامايىشقا ھۆسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە خانىممۇ بۇرلىڭتوندىن كىلىپ قاتناشقان. ئىككى سائەت داۋام قىلغان نامايىش چۈشتىن كىيىن سائەت 3 ئەتراپىدا تىنچ- ئامانلىق ئىچىدە ئاخىرلاشقان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادا پۇقرالىرىنىڭ كانادا پاسپورتى ھەققىدىكى بايانلىرى
- ھۆسەيىن جېلىلنىڭ قوللىغۇچىلىرى يېڭى ئادۋوكات ئۈچۈن ھەرىكەت باشلاتتى
- كانادا مەتبۇئاتىدا ھۈسەيىن جېلىل
- ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرنى جىددىيلەشتۈرمەكتە
- ھۈسىيىن جېلىل سوتتا ئۆزىنىڭ قېيىن-قىستاققا ئېلىپ 'ئىقرار' قىلدۇرۇلغانلىقىنى پاش قىلغان