كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىل مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى


2007.04.19

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۈ جيەنچاۋ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا "ھۆسەيىن جىلىل خىتاينى پارچىلاش ۋە تېررورلۇق گۇرۇپپىلارنى تەشكىللەش، تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنشىش قاتارلىق ئىككى جىنايەت سەۋەبىدىن مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان" دەپ كۆرسەتكەن.

ھۆسەيىن جىلىل 2006‏- يىلى مارت ئېيىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئىيۇن ئېيىدا كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ھۆسەيىن جىلىلنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆسەيىن جىلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى، خىتاي بىلەن كانادا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك بىر مەسىلىگە ئايلانغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆسەيىن جىلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جىددىي دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى شۇنداقلا تىبەتنىڭ داھىسى دالاي لاماغا كانادا پۇقرالىقى بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەبلەندۈرگەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ھۆسەيىن جىلىلنىڭ مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە. ئۇلار ھۆسەيىن جىلىلنىڭ كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرى پىتەر ماككەينىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا بەرگەن بىر سېگنالى دەپ قارىماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرى 29‏- ماي كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن. (ئومەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.