"بىز بۇ دېلونى شۇنداقلا بولدى قىلمايمىز "
2007.04.20
19 - ئاپرىل كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ھۆسەيىن جېلىل خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كانادا تەرەپ بۇ ئىشقا قارىتا ھەرخىل ئىنكاسلارنى قايتۇرۇشقا باشلىدى.
كانادا ناتىئونال پوست گېزىتىدە 20 - ئاپرىل بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خەۋەرنى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىمغا ئۈرۈمچىدە ھۆسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكىدە ساقلاۋاتقان كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى يەتكۈزگەن.
بۇ خەۋەر كامىلە خانىمنى ئىنتايىن چۈچۈتكەن. كامىلە خانىم مۇنداق دەيدۇ: "ئادىل بولمىغان. لېكىن، مەن ئۇ كاناداغا، ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە ئۈمىدىمنى ئۇزمەيمەن".
ئەمما، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، پەتەر مككاي نىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدە ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ ئۇرغان تېلېفونى كامىلە خانىمنىڭ ھىجرانلىق قەلبىگە ئۇمىد نۇرى ئاتا قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، سىياسىي پائالىيەتچى ھۆسەيىن جېلىل ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئوتتاۋا- بېيجىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە دەز كەتكەن.
"بىز بۇ دېلونى شۇنداقلا بولدى قىلمايمىز " دەيدۇ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پەتەر مېككاي. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ھۆسەيىن جېلىل دېلوسى كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بېيجىڭ پېتر مېككاينى خىتايدا 3 كۈن زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق ھەققىدە ئاللىبۇرۇن ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى "بىز كانادانىڭ بۇ ئىشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. كانادا ھۆسەيىن جېلىل دېلوسىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مەۋقەسىنى ئېنىق چۈشىنىش كېرەك" دېگەن.
ھۆسەيىن جېلىل كېسىمى ئېلان قىلىنىپ سوتخانىدىن يالاپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلىش جەريانىدا ئانىسىغا "بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان. ھېچقايسىسى راست ئەمەس. بايام ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ھۆكۈمنامىنىڭ ھېچنېمىسىنى قوبۇل قىلمايمەن " دەپ خىتاب قىلغان.
سوت ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىشقا قاتنىشىشقا بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن كانادا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ سوتقا كىرىشى رەت قىلىنغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
- كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىل مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- كانادا ھۆكۈمىتى، كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىلنىڭ مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
- كانادا مەتبۇئاتىدا ھۈسەيىن جېلىل