كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىترى پىتېر ماككەي ئەپەندى يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، ئاسىيا خەۋەرلىرى گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي تەرەپ بۇ ئەرباب بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە، خىتاي-كانادا سودا مۇناسىۋىتى ھەققىدىلا سۆزلىشىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما پىتېر ماككەي ئەپەندى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سۆھبەتنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرگەن.
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىتېر ماككەي ئەپەندىنىڭ، خىتاي تەرەپ 'بۆلگۈنچى، تېررورچى' دەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان كانادا پۇقراسى ھۈسېيىن جېلىل بىلەن يۈز كۆرۈشۈش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان.
خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى كانادا پۇقراسى ھۈسىيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنلىكى، كانادا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېرىكلىشىشىگە سەۋەبچى بولماقتا. (ۋەلى)