خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قىز قېرىندىشى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە مۇددەتسىز قاماق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قىز قېرىندىشى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويغان. كانادا "Globe and mail" گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر قىز قېرىندىشى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، 20 مىنۇتتەك سۆھبەتلەشكەن.

خەۋەردە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇلى مەمەت توختىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلىنىپ، كۆرۈشۈش جەريانىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ بۆرەك ئاغرىقىدىن شىكايەت قىلغانلىقىنى ۋە تۈرمە دائىرىلىرى بولسا ئۇنىڭ كېسىلى بىلەن چاتىقى بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەمەت توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل يەنە قىز قېرىندىشىدىن بېيجىڭدىكى ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىدا ئۆزىنىڭ 30 بەتلىك گۇۋاھلىق سۆزى بارلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ بۇنى سوت جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويدۇرمىغانلىقىنى، بۇ ماتېرىيالنى ئادۋوكاتىنىڭ كانادا ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

نۆۋەتتە ھۈسەيىن جېلىل ئۈرۈمچىدىكى باجياخۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. كانادا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى 2007 - يىلى خىتاي - كانادا مۇناسىۋىتىگە تامغىسىنى ئۇرغان ۋەقە شۇنداقلا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئەڭ كۆپ خەۋەر قىلىنغان دىلولارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھۈسەيىن جېلىل مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەسىلىسى مەتبۇئاتلاردا بىر ئاز پەسىيىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە يەنە ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئوتتاۋا ھۆكۈمىتىدىن كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدە ئولتۇرىدىغان ئايالى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشىگە ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنگەنلىكىنى يازدى. ئۆزبېكىستان 2006 - يىلى ھۈسەيىن جېلىلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 5 - ئايدا ئۇنى " بۆلگۈنچىلىك" ۋە" تېررورچى" ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. (ئەركىن)