ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى ۋە بالا ‏ - چاقىلىرى باش مىنىستىر سىتىفىن ھارپېرغا مەكتۇپ يوللىدى


2008.03.31

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىپ كانادا ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللىدى.

كانادا رادىئو ‏ - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تۈرمىسىدىكى ھۆسەيىن ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا نامەلۇم بولۇپ، ئۇنىڭ كانادانىڭ ئونتارىئو شىتاتىدا ياشايدىغان ئايالى ۋە بالا ‏ - چاقىلىرى كانادا باش مىنىستىرى سىتىفىن ھارپېرغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى ھۆسەيىن جېلىل ھەققىدە كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش جەھەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

خەۋەردە نەقىل ئېلىنىشىچە، مەزكۇر خەتتە ھارپېر ئەپەندىنى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغان.

ھارپېر ئەپەندى ھۆسەيىن ئەپەندىنىڭ مەسىلىسىنى 2006 - يىلى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ھۆسەيىن جېلىل 2006 - يىلى باھاردا ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.