ھۈسەيىن جېلىل تۈرمىدىن ئانىسىغا خەت يېزىپ، ئەپۇ قىلىشىنى سورىدى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.22
2008.05.22
ھۈسەيىن جېلىل خېتىدە ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنيانى قايتا كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، ئانىسىنىڭ، ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن خەۋەر ئالالمايلا قالماي، ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغاننىڭ ئۈستىگە ئەمدى ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە تىلغا ئالغان شۇنداقلا ئانىسىنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورىغان.
ھۈسەيىن جېلىل بۇ خەتنى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى يازغان بولۇپ، مەزكۇر خەت پەيشەنبە كۈنى كانادادىكى چوڭ گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى. كانادا " يەرشارى ۋە خەت چەكلەر" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، بۇ خەتنىڭ مۇھىملىقى تۈرمىدىكى بىر كانادالىقنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىلغان خەت بولغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى بۇ يەنە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشى رەت قىلىنغان، ئۇنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئەھۋالدا يېزىلغانلىقىدۇر، دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل مارت ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۆشۈشىنى توختاتقان شۇنداقلا ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئائىلىسى ۋە كانادا دائىرىلىرىگە نامەلۇم بىر مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. يەر شارى ۋە خەت - چەكلەر گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېقىندا كانادا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئوتتاۋادىكى باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، " ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىدا " ھۆسەيىن جېلىلنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە ئۈندىگەن.









