كانادا ھۆكۈمىتى، كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىلنىڭ مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى


2007.04.19

كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرى پېتەر مەككاي بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوتاۋادا بەرگەن باياناتىدا، ھۆسەيىن جىلىلنىڭ مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىزنى چوڭقۇر قايغۇلاندۇردى، دېدى. پىېتەر ماككەي كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جىلىلنىڭ تۈرمىدە قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرسىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەم كانادا، ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى قول قويغان جەنۋە تەن جازاسىغا قارشى كېلىشىمىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، پېتەر ماككەينىڭ كانادىكى خىتاي باش ئەلچىلىكىگە رەسمىي نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەمدە ھۆسەيىن جىلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرى ھۆسەيىن جىلىلنىڭ ئايالىغا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆسەيىن جىلىلنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئادالەتلىك بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا ھۆكۈمىتى داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا كانادا باش مىنستىرى ستىېفان ھارپەر، كانادا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىرنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى دەپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئومەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.