بۇرلىنگتون پوچتا گېزىتى: ئولىمپىك مەزگىلى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.30
2008.05.30
ئاپتور باش ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ،" بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە 69 كۈن قالدى. بىز كانادانىڭ سىياسى بېسىم ئىشلىتىپ، ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە بۇنىڭدىن ياخشى پۇرسەت كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلىشىدىغان مۇشۇ پەيتتە، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى پۇرسىتى بولماسلىقى مۇقەررەر". باش ماقالىدە يەنە، شۇنىڭغا قارىماي ھېچنېمە قىلماسلىقنىڭ "ھۈسەيىن جېلىلغا ۋە ئائىلىسىگە ئۇنىڭ بىر ۋەتەنسىز ئادەم ئىكەنلىكى بىشارىتى" نى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كانادا دائىرىلىرىنىڭ جېلىلنىڭ دېلوسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى سۈزلىشىگە قارىماي، " ئوتتاۋانىڭ ئايلاردىن بېرى جېلىلنىڭ ھايات -ماماتلىقىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇۋاپپەقىيىتى يوق دىيەرلىك" ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى يازدى. باش ماقالىدە "شۈبھىسىزكى، جېلىلنىڭ 2001 - يىلدىن بېرى ۋەتەن قىلىپ تاللىغان بۇ دۆلەتكە بولغان ئىشەنچىسىدە........زور تەۋرىنىش بولغانلىقى چوقۇم " دەيدۇ. ھۈسەيىن جېلىل مارت ئېيىدا ئانىسىغا يازغان خېتىدە "ئىككى يىل بولاي دەپ قالدى، لېكىن مەن كانادادىن كەلگەن ھېچكىمنى كۆرمىدىم " دەپ تەكىتلىگەن ھەم كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ "مەن بىلەن كارى بولمايۋاتامدۇ " دەپ سورىغان ئىدى.
ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ۋەقەسى خىتاي - بىلەن كانادا ئارىسىدا دىپلوماتىك كۆڭۈلسىزلىكلەرگە يول ئاچقان، ئىلگىرى كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېر جېلىلنىڭ مەسىلىسىنى خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېكىن خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، كانادا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۆشۈشىنى رەت قىلماقتا.