كانادا باش مىنىستىر ياردەمچىسى ھۈسەنجاننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بارماقچى


2006.06.28

كانادا باش مىنىستىرى ستىۋىن خارپېرنىڭ ياردەمچىسى يېقىندا، ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەنجان جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىرنىڭ ياردەمچىسى كالگارى جېيسېن كېننى كانادا مەتبۇئاتىغا ئۆزىنىڭ خىتايغا بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، " مەن قولۇمدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ياردەمنى قىلىشنى خالايمەن ھەم ئىشىنىمەنكى، باش مىنىستىرمۇ بۇنى يېقىندىن قوللايدۇ" دېدى.

كېننىنىڭ ئېيتىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ھازىر خىتايغا ئۇلارنىڭ ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قولغا ئېلىنىش مەسىلىسىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا كانادا دائىرىلىرىگە ھۈسەنجاننى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما قايسى كۈنى قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان.

كېننىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەت ساھەسىدىكى بىر نەپەر مۇتەخەسسىسىنى بېيجىڭدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارغا كانادانىڭ ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىگە جىددىي پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېنىقلىمىسىمۇ، لېكىن كانادا ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاننىڭ ھۈسەنجاننى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىپ بولغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.