خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزبېكىستاندىن ئۆتكۈزۈۋالغانغا 3 ھەپتە بولغان بولسىمۇ، لېكىن كانادا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىدىن ھازىرغىچە خەۋەر ئالالمىغان.
كانادادا چىقىدىغان "گلوب ۋە پوچتا" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى قولغا ئېلىنغان كانادا پۇقرالىرىنىڭ ھال - ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بويىچە 3 ھەپتىدىن بېرى ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈشكە تىرىشىپ كەلمەكتە. لېكىن جوڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئەھدىنامىلاردا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىگە قارىماي، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان.
"گلوب ۋە پوچتا" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان، لېكىن بۇ ئورگانلار ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان. ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ھەققىدىكى بىردىن - بىر خەۋەر بىر خىتاي گېزىتىدە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسى "جوڭگونىڭ تېرورىزىمغا قارشى كۈرىشىدىكى بىر ئۆرنەك، دەپ تىلغا ئېلىنىش بولدى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىر ئايال باياناتچىسى، " بىز ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسى قانۇن تەرتىپ بويىچە بېجىرىلىشى ۋە ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز،" دەيدۇ. لېكىن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋوكاتى كرىست ماكليود، " بۇ مەسىلە دىپلوماتىك نوتىلار بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى" ئەسكەرتىپ، كانادا ھۆكۈمىتى يېتەرلىك كۈچ چىقارمىدى، دەپ ئەيىبلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پاسپورتى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېلىنغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا بىر جوڭگو پۇقراسىنىڭ كانادا تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلىكى ئۇنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكى ئاپتۇماتىك ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)