خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جىلىلنى سوتلاشقا باشلىدى


2006.08.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جىلىلنى، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەپ، سوتلاشقا باشلىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى 11‏- ئاۋغۇست كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ھۈسەنجان جىلىلنىڭ، "تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى دەپ قارالغان تەشكىلاتتىكى پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن" سوتقا تارتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كانادانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جىلىلنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى دەپ، كۆرسەتتى.

كانادانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى جېنى چىئەن، 11 ‏-ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جىلىلنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا كانادا ھۆكۈمىتىگە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جىلىلنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 10 ‏- ئاۋغۇست كۈنى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.

كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جىلىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.