ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى "تورونتو قۇياش" گېزىتىنىڭ ماقالىسىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، "تورونتو قۇياش" گېزىتىدە كانادانىڭ نىمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتكە تەۋە بولغان ھۆسەيىن جېلىلغا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەنمەك تەس، دەپ ماقالە يازغان پېتىر ۋورتىڭتوننى تەنقىد قىلدى.

پېتىر ۋورتىڭتون، 31 - ئاۋغۇست كۈنى " تورونتو قۇياش" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى تالاش - تارتىش قىلغان ۋە "كانادا نېمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردە ھەرىكىتى گۇمانلىق بولغان كاناداغا تەۋە ئەمەس بىر كىشىگە پانالىق بېرىدۇ، " دەپ يازغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى باياناتتا، پېتىر ۋورتىڭتوننىڭ قارىشىنى خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەر تۇتۇۋالغان كانادا پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەتەرلىك ئۆلگە، دەپ كۆرسەتتى. بايانتتا، " ھەقلىق بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن چەتئەلدە تۇتۇپ قېلىنغان كانادا پۇقرالىرىنى قوغداش كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى قانۇندىكى مەجبۇرىيىتى، " دەيدۇ.

"بەلكى ۋورتىڭتون ھۆسەيىن جېلىل ئاتا - ئانىسى، ئائىلىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى، دوست - يارەنلىرىنى، دىنىي، مەدەنىيىتى، تىلى، ئەنئەنىسى ۋە ئانا ۋەتىنى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ كانادا تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولاتتى، " دەپ يازغان باياناتتا، لېكىن ئۇ "ھۈسەيىن جېلىلنىڭ نىمە ئۈچۈن تىنچ دىنىي پائالىيەتلەرنى دەپ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى، تۈركىيىگە قاچقانلىقىنى، ئۆزى قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا كاناداغا كېلىپ، ئۈمىد ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى توغرا چۈشۈنەلمەيدۇ، "دەپ ئەسكەرتتى. (ئەركىن)