كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشماقتا


2006.09.21

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامبرا دىكە 9‏- ئاينىڭ 21‏- كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن بېرى، ئۇنىڭ ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ھۆسەيىن جېلىل مەسىلسى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاپ بەرگەن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامبرا دىكې مۇنداق دېدى: "كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ھەم ئوتتاۋا ھەمدە بېيجىڭدا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ قايسى جايدا ئىكەنلىكىنى كانادا ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈشىنى شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. 7‏- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېغىنى جەريانىدا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىددىي پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامبرا دىكې، كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرىنىڭ 7 ‏- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى سۆھبىتى ئاساسىدا پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ ھەمدە ھۆسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈش، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، دېدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.