كانادا باش مىنىستىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2006.11.20
ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يېغىنىغا قاتناشقان كانادا باش مىنىستىرى ستىفان ھارپەر، يېغىن جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادادا چىقىدىغان تورونتو يۇلتۇزى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ستىفان ھارپەر يىغىن ھەققىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پرېزىدېنت خۇ جىنتاۋغا كىشىلىك ھوقۇقنى بولۇپمۇ كانادا پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىمنى ئىپادىلىدىم، دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە، كانادا باش مىنىستىرى ھارپەر بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇچرىشىشىدا ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇچرىشىشتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ كانادا باش مىنىستىرى ئېيتقاندەك كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جيەنچاۋ مەزكۇر ئۇچرىشىش ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ئۇچرىشىشتا ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئىلىنغانلىقىنى، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلە توغرسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ "جۇڭگونىڭ جىلىل مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشى ئېنىق. بىز ئۇنى خىتايچە ئىسمى بىلەن ئاتايمىز. بىزچە ئۇ بىر خىتاي پۇقراسى. شۇنىڭ ئۈچۈن بېيجىڭ ئۇنىڭ مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى جىنايەت دېلوسى دەپ قارايدۇ" دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جيەنچاۋنىڭ باياناتىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان كۆز قارىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن كانادا باش مىنىستىرى ھارپەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تورونتو يۇلتۇزى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ھارپەرنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ ، بۇ مەسىلىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ھۆسەيىن جىلىلنىڭ ئايالى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولغانلىقىنى ۋە ھۆسەيىن جىلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە بولغان ئىشەنچسىنىڭ كۆچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ كانادا باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن قاچتى
- كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن كۆرۈشتى
- كانادا مەتبۇئاتلىرى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى
- كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان