ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يولدىشىنى قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى

كانادادا چىقىدىغان ئوتاۋا قوياشى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جىلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتەر مەككەينىڭ خىتايغا قىلماقچى بولغان زىيارىتىنىڭ، يولدىشىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ئاسانلىق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتەر مەككەي ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى كانادا سى ت ۋ تېلېۋىزيىسىگە بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ بىلەن ئوتاۋا ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىكنى يۇمشىتىش ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ئۇ خىتاينى قاچان زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھۈسەيىن جىلىل مەسىلسىدە خىتايغا قارشى قاتتىق بىر پوزىتسىيە تۇتماقتا. ئەمما ھۆسەنجان جىلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم، گەرچە كانادا ھۆكۈمىتى يولدىشىنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ چوقۇم ھۆسەنجان جىلىلنى تۈرمىدە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن خىتايغا بىر ئۆمەك ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كامىلە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەشنى قەتئىي رەت قىلىپ، يولدىشىنىڭ ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2006‏- يىلى مارت ئېيىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ھۈسەيىن جىلىل، مۇشۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ھۈسەيىن جىلىلنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى، كانادا بىلەن ئۆزبېكىستان ھەمدە كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىركلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا. (ئەقىدە)