ھۈسىيىن جېلىل سوتتا ئۆزىنىڭ قېيىن-قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقىنى پاش قىلغان
2007.02.07
كانادادا چىقىدىغان 'گلوبول مېيىل' گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن تۇتۇپ كېلىپ تۈرمىگە ئېلىۋالغان كانادا پوقراسى ھۈسىيىن جېلىل ئۈستىدىن ئۆتكەن جۈمە كۈنى (ئىككىنچى فېۋرال كۈنى) ئۈرۈمچىدە سوت ئاچقان. سوتلاش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغان ھۈسېيىن جېلىلنىڭ سىڭلىسى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شۇ كۈندىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەربەنتى ئاستىدا تۇرغانلىقتىن، شەنبە كۈنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مەھەممەت توختىغا تېلېفون قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئاران 'سوتتا ياخشى مۇنازىرە بولدى' دېيەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما كانادا دېپلوماتلىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە 'ھۈسىيىن جېلىل تۈرمىدە ئىنتايىن قاتتىق قېيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىتىن ئىقرار قىلغانلىقىنى سوتتا پاش قىلدى' دېگەن. ئۇلار بۇ سۆزىنى دۈشەنبە كۈنى ئاممىۋىي تېلېفون ئارقىلىق ھۈسىيىن جېلىلنىڭ ئايالىغىمۇ ئېيتقان. (ۋەلى)