ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرنى جىددىيلەشتۈرمەكتە


2007.02.10

كانادا باش مىنىستىرى ستېفان ھارپەر جۈمە كۈنى كانادانىڭ ھالىفاكس شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى خې يافې 8‏- فېۋرال كۈنى كانادا رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ستېفان ھارپەر باياناتىدا، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ بىرەر جىنايەتكە قاتناشقانلىقى ياكى تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت مەۋجۇت ئەمەس، دېدى.

كانادا باش مىنىستىرى كانادادىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ، خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيىدە بولماسلىقىمىز كېرەك، بۇ كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ "مېنىڭچە، بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك. مېنىڭچە بىر كانادا پۇقراسىغا ئىگە چىقىش ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى"، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا پاسپورتى بىلەن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى قانۇنسىز بىر ھەرىكەت دەپ كۆرسەتكەن، كانادا باش مىنىستىرى ستىئېفان ھارپەر، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىقىمىزنى داۋاملىق بىلدۈرىۋاتىمىز. يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۈشكىنىمدە يەنە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ھەمدە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز، دېدى. سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ستىئېفان ھارپەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ھەم كانادا قانۇنلىرىغا ھەمدە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.