ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىنجان جېلىل يەنى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھۈسەيىنجان قارىم دەپ ئاتالغان ئەرباب ھەققىدىكى ئۇچۇرلار غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ بۇ ھەقتە بىر قاتار ئۇچۇرلارنى تارقاتتى.
ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان "فارغانا.رۇ "، " سەنتراسىئا. رۇ" قاتارلىق ئۇچۇر تورلىرى ھۈسەيىنجان جېلىل ھەققىدە يېزىلغان " كانادا ستارر" گېزىتىنىڭ ماقالىسى ئاساسىدا ئۇنىڭ سۈرىتى بىلەن قوشۇپ ماقالە ئېلان قىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇس تىلىدا چىقىدىغان "ئۇمىد.رۇ" ۋە باشقا ئىنتېرنېت تورلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى كۆچۈرۈپ باستى.
ئىگىلىنىشىچە، پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قىزىققۇچى ھەر قايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئەڭ كۆپ كۆرىدىغان تور بەتلەر بولغاچقا، بۇ ۋەقە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تېزدىن خەۋەر تېپىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن.
ھۈسەيىنجان قارىمغا ئائىت بۇ ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلىنىپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى، كېيىن ئۆزبېكىستانغا كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيىگە ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا كاناداغا كېلىپ ماكانلىشىپ، كانادا پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. (ئۈمىدۋار)