ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا ئىئانە بەردى


2004.10.14

ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېلى ئوبلاستىدىكى چاغانتوقاي ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا داۋالاش ئۈسكۈنلىرى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن 660 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم پۇلى بەردى.

ياپۇنىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرىگە ئىئانە سوممىسىنى تاپشۇرغان ھەمدە بۇنىڭ ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش پروگراممىسىنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ياپۇنىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياردەم تۈرىدىن ئوننى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تۈرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئېلى ئوبلاستىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيىسى چېگرا رايۇنغا جايلاشقان بولۇپ، 2004 - يىلى خىتاي تەرىپىدىن 4 - دەرىجىلىك چەت ۋەشارائىتى مۈشكۈل رايۇن دەپ بەلگىلەنگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.