ئۇيغۇر ئاپتيونوم رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك بۇددا ئىبادەتخانىسى تېپىلدى

ئارخېئولوگلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىرىيە ناھىيىسىدىكى توپىلىقدۆڭ ئېئىگەن جايدا ‎بۇنىڭدىن 1500 يىل ئىلگىرى ياسالغان بىر بۇددا ئىبادەتخانىسىنى بايقىدى.‎

‎ ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى چىرىيە ناھىيىسىگە قاراشلىق دامىكو يېزىسىنىڭ 7 كىلومېتىر نېرىسىدىكى ‎توپادۆڭگە توغرا كېلىدىكەن. ئىبادەتخانانىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.25 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر، ‎ئىگىزلىكى 1.30 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىدىن تېپىلغان بۇددا ھەيكىلىنىڭ بويى 0.65 مېتىر ‎كېلىدىكەن. ‎

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ئىبادەتخانىنىڭ بۇنىڭدىن ‎‎1500 يىل بۇرۇن ياسالغانلىقىنى مۇئايەنلەشتۈرگەن. ئىبادەتخانا ياغاچ ۋە لايدىن ‎قۇرۇلغان بولۇپ، تۆت تېمىغا ماھايانا مەزھىپىگە تەۋە رەسىملەر سىزىلغان. ‎

شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئىنىستۇتىدىكى ۋۇ شىنخۇانىڭ تەكىتلىشىچە، ئىبادەتخانا بىر قەدەر ‎ياخشى ساقلانغان. ئۇ، " ئىبادەتخانىدىن تېپىلغان تام رەسىملىرى ۋە بۇددا ھەيكىلى ‎ھازىرغىچە تەكلىماكاندىن بايقالغان ئەش ياخشى يادىكارلىقلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،" ‎دەيدۇ. ‎

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىبادەتخانا يېقىندا شۇ جايدىكى يەرلىك ‎چوپانلار تەرىپىدىن بايقالغان. ئارخېئولوگلار، توپىدۆڭدىكى ئىبادەتخانىنىڭ 500 غەربىيگە ‎قەدىمقى خوتەن خانلىقىنىڭ پادىشاھ ئوردىسى جايلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇرلار ‎تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي دۆلەتلەر خوتەن رايونىدا قۇرۇلغان. (ئەركىن)‎