ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ بايلىقى قىس بولۇش بىلەن بىرگە، سۇنى ئىسراپ قىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ بايلىقى ناھايىتى قىس بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ بايلىقىنى ئىسراپ قىلىش ئەھۋالىمۇ ئېغىر بولماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2004‏-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 2 مىڭ 500 كۇپمېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن خىتايدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيىنىڭ 5 ھەسسىدىن كۆپرەك كېلىدىكەن.

بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپلەر بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا سۇ تىجەش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش قارىشى كەمچىل بولۇپ، سۇ تىجەش تۈزۈلمىسى ۋە سۇ تىجەش تەدبىرلىرى مۇكەممەل ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىشلىتىش مىقدارىغا قاراپ ھەق ئېلىش، پىلان نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىشكە قارىتا ھەق قوشۇپ ئېلىش تۈزۈلمىسىمۇ ياخشى ئەمىلىلىيەشمىگەن.

شۇنداقلا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئارقىدا بولغانلىقتىن، بىرلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھەر ئون مىڭ يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى پۈتۈن خىتايدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرېلىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە شەھەرلەردىن چىققان پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىپ قايتا پايدىلىنىش نىسبىتى ئاران 12% بولماقتا. (پەرىدە)