ئۆيغۇر ئېلىدە 6 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولمىغان

باش شتابى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان، تەڭرىتاغ تور بېتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 5 مىليون 740 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئىچىملىك سۈيى ئۆلچەمسىز بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرىم نىسبەتتىكى نوپۇسنىڭ " پاكىزە سۇ" ئىچەلمەتۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىقى بىرنەچچە يىلىدا 2 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ 9 مىليون دېھقان- چارۋىچىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ، مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەننىڭ نۇرغۇن مەيدانلىرىدىكى 300 خىلدىن ئارتۇق تۈرىگە مەبلەغ سېلىپ 1 مىليونغا يېقىن ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى دەريا بويلىرىغا، سۈيى ئەلۋەك، تۇپرىقى مۇنبەت رايونلارغا جايلاش تۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى سالالاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئاساسەن سۇ قەھەتچىلىك مەسىلىسى كۆرۈلمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىمۇ ئاللىقاچان ھەل بولۇپ بولغان ئىكەن.

بۇ يەردە ئېيتىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5 مىليون 740 مىڭ دېھقان- چارۋىچى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلارنى ۋە شىمالىي تاغلىق رايونلىرىدىكى چارۋىچىلارنى كۆرسىتىدىكەن. (جۈمە)