ئۈرۈمچىدىكى ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر بولماقتا

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ جۈجياڭ يولى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئىستىمال قىلىۋاتقان تۇرۇبا سۈيى تازىلانمىغان پاسكىنا لاي سۇ بولۇپ، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر جايدىكى ئاھالىلەر ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىسىدىن چىقىۋاتقان بۇ خىل لاي سۇنى ئىچىۋاتقىلى 5 يىلدىن ئاشقان. غەزەپلەنگەن ئامما "بىز يەنە قاچانغىچە بۇنداق پاسكىنا سۇنى ئىستىمال قىلىمىز" دەپ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە ئورۇنلىرىغا بېرىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر رايوندا جەمى 5 چوڭ ئىگىز بىنا بولۇپ، 400 گە يېقىن ئاھالە ياشايدىكەن. ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى تا ھازىرغىچە قۇدۇق سۈيىنى ئىستىمال قىلىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇ ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئىچىملىك سۇ كەمچىل بولغانلىقتىن، مەركىزىي رايونلاردا قېزىلغان قۇدۇقنىڭ ئۆزىلا 200 دىن ئاشقان؛ قۇدۇق سۈيى ھېچقاچان دېزىنفىكسىيە قىلىنمىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئەتىياز مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە 1 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىر سۇ كەمچىل بولىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال پەقەت ئىچىملىك سۇ كرىزىسىنىلا ئەمەس، بەلكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇ زور قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئېلىپ كېلىدىكەن. (مېھرىبان)