قۇمۇل شەھىرىدە ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانى % 87 ئورۇندىلىپ بولغان


2007.07.05

خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قۇمۇل شەھىرىدە ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىنىڭ % 87 ى ئورۇندىلىپ بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەقەت قۇمۇل شەھىرىدىنلا ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 13 مىڭ ئەمگەكچىنىڭ سىرتقا يۆتكەلگەنلىكى ، بۇ سان بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىن% 16 ئېشىپ ، يىللىق پىلانىنىڭ % 87 ئورۇندالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي يۇرتلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر خىل ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئېشىنچى ئەمگەك سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى ئاشكارىلانماقتا.

يېقىندا يەكەن ناھىيىسىدىن خىتاي شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر قىز، زاۋۇت مەسئۇللىرىنىڭ ھەر خىل بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالماي تەمتىرەپ يۈرگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىشقا مەجبۇرلاۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، توختامنى بۇزۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىپ كەلگەن ئىشچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.