خىتاي " تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى" نى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى


2006-01-13
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى يېقىندا ھەر قايسى ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەر، مەدەنىيەت نازارىتى، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، " تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى" غا تاللانغان ئەسەرلەرنىڭ سىياسى - ئىدىيىۋىيلىكىگە قاتتىق ئۆلچەم قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ مۇكاپات بېرىلىدىغان ئەسەرلەر " ماركىسىزم- لېنىنىزم، ماۋزىدوڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى ۋە 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش' ئاساسى ئىدىيىسىنى يىتەكچى قىلغان بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسەرلەرنى باھالاش كومىتېتىغا ئاپتونوم رايوننىڭ سىرتىدىن ئادەم قاتناشتۇرۇشنى چەكلىدى. تەشۋىقات بۆلۈمى، مۇكاپات بېرىلىدىغان ئەسەرلەر " سوتسىيالىزمغا خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلغان، ھەممە گۈللەر تەڭ ئېچىلىش، ھەممە قۇشلار بەس - بەستە سايراش پرىنسىپى بويىچە ئاساسى ئېقىمنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇشى كېرەك' دەيدۇ.

"تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى" ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى. مەزكۇر مۇكاپات ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ. بۇ قېتىمقىسى مۇكاپاتنىڭ 2 - قېتىم تارقىتىلىشى بولۇپ قالىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى 2000 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى " مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش" ھەرىكىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، بەزى مىللىي ئاپتورلار " مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلدى، دىگەن سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان.

ئۆتكەن يىلى مارالبېشىلىق يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن " ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرى تۈپەيلىدىن 10 يىللىق قاماق جازىسىغا ھۆكۈم قىلىندى. " قەشقەر ئەدىبىياتى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى كۈرەش ھۇسەيىنگە 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پوسكاملىق يازغۇچى ئابدۇللا جامال قولغا ئېلىنغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت