ئۇيغۇرلار خىتاي قەبرىلىرىگە تاۋاب قىلىشقا مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە


2007.04.01

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرى 1 - ئاپرىلنى قەبرە سۈپۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، يىللاردىن بېرى بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بارلىق ئىشچى خىزمەتچى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرىدۇ.

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىر تۇراقلاشقان ۋاسىتىسى بولۇپ كەلمەكتە.

ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار سانى 300 مىڭغا يەتكەن. قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدا ئۇلار قەبرىستانلىقلارنىڭ مۇھىتىنى تازىلاش، تاۋاب قىلىش، ئاتالمىش ئىنقىلابى قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ياد ئېتىش ھەمدە ئىرادە بىلدۈرۈش، قەسەم بېرىپ ئىتتىپاق ئەزالىقىغا ئۆتۈش، پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتۈش قاتارلىقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۈرۈمچى ئىنقىلابى قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ قەبرىلىرىدىن باشقا ئاساسلىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھەم ھۆكۈمىتىنىڭ ئىغارلىرى، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن جەڭچىلىرىنىڭ قەبرىلىرى ئورۇنلاشقان بولۇپ ئادەتتە بۇ جاينى تاۋاب قىلىدىغانلار يوق دىيەرلىك، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەنلا بۇ جاي ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە كىشىلەرگە تولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشقا مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەكسىچە ئۇلار ئۆزلىكىدىن يوقلاپ تۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىقى رەھبەرلىرىدىن غوجا نىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچى مۇسۇلمانلار كونا قەبرىستانلىقىغا جايلاشقان مەقبەرىسىنى ئۆتكەن يىلى مەلۇم باھانىلەر بىلەن ئۆرىۋەتكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.