خىتاي كومپارتىيىسى يەنە يېڭى ھەرىكەت باشلىدى


2005.01.25

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن يېقىندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ "يېڭى دەۋىردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بېيجىڭدىكى مەركىزى تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ يۈڭنىڭ نازارىتىدە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتىنى ئۆگەنگەن ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ۋاڭ لېچۈەن بولسا، پارتىيە - ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ "يېڭى دەۋىردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" تەربىيىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئەستايىدىل ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بىراق، خىتاي سىياسىي ئانالىزچىلىرى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرى پەقەت سەپسەتىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم بۇ خىل شەكىلۋاز ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىرسىنىڭمۇ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.