خىتاي ساقچىلىرى كورلا پويىز ئىستانسىسىدا ئىككى ئۇيغۇر ياشنى قولغا ئالدى


2008.03.21

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى تاڭ سەھەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كورلا پويىز ئىستانسىسىدا پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى تەرەپكە كېتىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ياشنى قولغا ئالغان.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ۋەقە 20 - مارت كۈنى ئەتىگەن تاڭ سەھەردە كورلا پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، 20 ياكى 21 ياشلاردىكى ئىككى ئۇيغۇر ياش ئاقسۇ بىلەن لەنجۇ ئارىسىدا قاتنايدىغان 2662 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ, ئۈرۈمچى تەرەپكە كېتىۋاتقاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن كورلا بېكىتىدە تۇتۇپ قېلىنغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ئىككى ياشنىڭ ئاقسۇدا بىر خىتاي يولۇچىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ۋە ئىككى ياشنى قولغا ئالغان ساقچىلارنىڭ ئاقسۇدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

"تەڭرىتاغ" تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە كورلا پويىز ئىستانسىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان ياشلارنىڭ بىر خىتاينى بۇلاش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ۋە بۇ خىتاينىڭ مۇشۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋىرىدە بۇ ياشلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي، ئۇلارنى مۇ ۋە ئا، دەپ ئاتىغان ھەم بۇ ياشلارنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىدا مۇلازىمەتچى بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.