ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلار مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىيەلەمدۇ؟
2007.03.04
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىنىدا كېڭىشىشتەك ئېغىر مەسئۇليەتنى ئۆتۈش ئۈچۈن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ، خىتاينىڭ 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بېيجىڭگە مېڭىشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىميەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ پەقەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ھىمايە قىلىش، مەركىزى ھۆكۈمەت نېمىنى قارار قىلسا، شۇنى ماقۇللاش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ پەقەت قول كۆتۈرۈپ، ئاۋاز ماقۇللاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىلگىرى خىتاي سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - قوقۇقلىرىنى ياخشىلاش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مائارىپ، پىلانلىق تۇغۇت، دېھقانلارنىڭ ھەقسىز ھاشار ئەمگەكلىرىگە سېلىنىش ئەھۋالى، جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچار بولىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەسىلىلىرى، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىللەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى قەتئى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، رابىيە قادىر خانىم مۇشۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادىلىپ، قەستەن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ 17 - قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ دەپ جاكارلىغان
- خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار خىتاي تىلى مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنماقچى
- خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
- "شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى" نىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن تەكلىپى، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش بولدى
- يەنە ئۈچ نەپەر خىتاي مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلەندى